ھەپتىلىك خەۋەر

ئىسلام ئاۋازى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى 143 – سان

ئىسلام ئاۋازى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى 143 – سان

2021-07-02

سۈرىيە

6- ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ ھازىرغىچە ئەسەد كۈچلىرى تاجاۋۇزچى روسىيەنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئىدلىب ۋە باشقا جايدىكى پۇقرالار ئولتۇراق رايونلىرىنى بومباردىمان قىلغان بولۇپ، بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز دېگەندە 31 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.  دۈشمەننىڭ رەھىمسىزلەرچە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىغا جاۋابەن ئازاد بولغان رايوندىكى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى، ھەيئەتتۇتەھرىرشام، ئەنسار تەۋھىد ۋە ئۇنىڭ باشقا قوراللىق گۇرۇپپىلار بىرلا ۋاقىتتا دۈشمەن نۇقتىلىرىغا ئېغىر قوراللار بىلەن قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەن. 28- چىسلا فەتھۇلمۇبىن قۇماندانلىق شىتابىنىڭ چىقارغان سىتاستىكىغا ئاساسلانغاندا، دۈشمەن رايۇنلىرىغا ئېلىپ بېرىلغان قايتۇرما ئىنكاس نەتىجىسدە 4 دانە زەمبىرەك، ئىككى ئەسكىرى ماشىنا، بىر قۇمانداقلىق شىتابىي، بىر ئانتىنا مەركىزى، 2 كاتيۇشا ماشىنىسى ۋەيران قىلىنغان بولۇپ، 10 دىن كۆپرەك ئەسكەر ئۆلگەن، 20 دىن كۆپرەكى يارلانغان. ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچىدە سۈھەيىل ھەسەنگە يېقىنلىقى بىلەن بىلىنگەن بىر نەپەر #ئوفېتسىرمۇ بار ئىكەن. ھەيئەتۇتتەھرىرشام ئەسكىرىي قوماندانى «ئەبۇ مۇسلىم ئەل شامى»  ھەيئەتۇتتەھرىرشام باشچىلىقىدىكى قۇراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ ئازاد قىلىنغان رايۇندىكى خەلق ئۈچۈن قالقان بولىدىغانلىقىنى، ئىشغالىيەتچىلەرنىڭ قايتا-قايتا قىلغان ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھەرقانداق جاپادىن قاچمايدىغانلىقىنى، ھەمدە كۆپچىلىك بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىران

6- ئاينىڭ 19- كۈنى 60 ياشلىق ئىبراھىم رەئىسى ئىراننىڭ يېڭى پىرىزدېنتى بولۇپ سايلاندى.

ئىبراھىم رەئىسى ئىراننىڭ ئالى رەھبىرى ئەلى ھۇمەينىگە يېقىن بولۇپ، 1998- يىلى ئىران ھاكىمىيىتىگە قارشى چىققانلارغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن كومسىيەگە ئەزا بولغان.

2017- يىلدىكى پىرىزدېنتلىق سايلىمىدا 15مىلىيون بىلەت بىلەن روھانىيغا ئۇتتۇرۇپ قويغان. 2019- يىلدىن تارتىپ ئامېرىكا تەرىپىدىن كىشىلىك ھوقۇققا تاجاۋۇزچىلىق قىلدى دەپ ئەيىبلىنىپ ئىمبارگو ئاستىدا تۇرغان بولۇپ، ئىران ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى رەھمانى فەزىلنىڭ ئىلان قىلىشىچە، بۇ قېتىملىق سايلامدىكى 29 مىلىيون بىلەتنىڭ 18 مىلىيونغا ئېرىشىپ پىرىزدېنتلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلغان.

ئافغانىستان

تاجىكىستان بىلەن چىگرالىنىدىغان قۇندۇز ۋىلايىتى مۇكەممەل ھالدا ئىمارەت مۇجاھىدلىرىنىڭ كونتىروللۇقىغا ئۆتتى. ئىمام ساھىب ناھىيىسىگە جايلاشقان بۇ ئىستىراتىگىيەلىك چىگرا تاموژنىسى سودا_تىجارەت ئىشلىرىنى نورمال داۋام قىلغان بولۇپ، 26- چېسلادىن باشلاپ رەسمىي تۈردە خىزمەتكە كىرىشتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئىسلام ئىمارىتى قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان سودا تىجارەت ئىشلىرى ۋە يول بىخەتەرلىكىدە بىرەر مۈشكىلات چىقماسلىققا كاپالەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىمارەت مۇجاھىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئېلىپ بارغان ھەركەتلىرى نەتىجىسىدە زور ئىلگىرلەشلەر قولغا كىلىپ، ئافغانىستان زىمىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پەتىھ خەۋەرلىرى تارقالماقتا. شۇنىڭ جۈملىسىدىن 29- چىسلا بىر نەچچە كۈن قورشاۋغا ئېلىنغان خاكىر رايۇنىدىن يۈزلىگەن ئەسكەر ئىمارەت مۇجاھىدلىرىغا تەسلىم بولۇپ چىققان . ئۇلارنى كۈتۈۋالغان مۇجاھىدلار ئەسكەرلەرنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ: «كىم 100 ئادەمنى ئۆلتۈردى ، ئاندىن تەۋبە قىلدى ، بىز ئۇنى قوبۇل قىلدۇق» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئەسكەرلەر تەسلىم بولۇپ، بۇ رايۇن ئازاد بولغان.

29- چىسلا چېخ جۇمھۇرىيىتى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئارمىيىسى ئىچىدىكى قىسىملىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ رەسمىي تۈردە ئەسكەر چېكىندۈردىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئارقىدىنلا گېرمانىيەمۇ بۇ دۆلەتتىكى بارلىق ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈردىغانلققىنى بىلدۈردى.

پاكىستان

29- چىسلا پاكىستان سوت مەھكىمىسى خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە دىتالى TikTok نىڭ 8-ئىيۇلغىچە توختىتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. قاراردا TikTok دىتالىنىڭ ھۆكۈمەت قانۇنى، ئىسلام ۋە پاكىستان مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسىي بۇيرۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلمايدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.

پاكىستاندىكى يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سوت مەھكىمىسى TikTok دىتالىنىڭ «ئەخلاقسىزلىق ۋە شەھۋانىي»مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى تارقاتقان ھېساباتلارنىڭ تاقىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغانلىقى كۆرسىتىلدى.

ھىندىستان

28-چىسلا ھىندىستان ساقچىلىرى ئۇتتار پرادېش شتاتىدىكى مەشھۇر ئىسلام دىۋەتچىسى ئۆمەر گاۋتامنى «ھىندىلارنى زورلۇق بىلەن ئىسلام دىنىغا ئەكىرىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالدى.

مۆلچەرلىنىشىچە ئۆمەر گاۋتامنىڭ دەۋىتى بىلەن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان ھىندىلارنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىشىدىن ئىنتايىن بىئارام بولۇۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان ھىندى دائىرىلىرى، ئۆمەر گاۋتامنى «ھىندىلارنى زورلۇق بىلەن ئىسلام دىنىغا ئەكىرىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ نەزەربەند قىلغان، شۇنداقلا شىتاتتىكى ھىندىلارنىڭ ھەر قانداق شەكلدە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشى «مەجبۇرلاش» قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ چەكلەنگەن.

ئامېرىكا

28- چىسلا روسىيەگە كەسكىن ئىنكاس قايتۇرۇش مەقسىتىدە تۈركىيە قاتارلىق 32 دۆلەتتىن كەلگەن 5 مىڭ ئەسكەر، 32 پاراخوت ۋە 40 ئايروپىلاننىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان «دېڭىز شامىلى 2021» ناملىق مانېۋىر ئۇكرائىنانىڭ قاتنىشىشى بىلەن قارا دېڭىزدا باشلاندى.

بۇ مانېۋىرنىڭ ئىككى ھەپتە داۋام قىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، روسىيە ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى رايونىغا يېقىن جايدا ئۆتكۈزۈلگەن مانېۋىرنى ئىغۋاگەرچىلىك دەپ تەسۋىرلەپ، ئامېرىكىنى ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى. روسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان باياناتتا «بۇ مانېۋىرنىڭ مەقسىتى ھەرگىزمۇ قارا دېڭىزدىكى بىخەتەرلىك تەلىپىگە ماس كەلمەيدۇ» دېيىلدى.

تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى شام شۆبىسى ئىسلام ئاۋازى تەشۋىقات مەركىزى

چۈشۈرۈش 720p

چۈشۈرۈش 480p

مۇناسىۋەتلىك تېما

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Check Also
Close
Back to top button
قايت
WhatsApp
Telegram