ھەپتىلىك خەۋەر

ئىسلام ئاۋازى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى 142 – سان

ئىسلام ئاۋازى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى 142 – سان

2021-06-25

سۈرىيە

6- ئاينىڭ 21- كۈنى ئەسەد كۈچلىرى ئىدلىب ۋىلايىتى جەبەل زاۋىيە رايونىدىكى ئىھسىم ۋە بەرا يېزىلىرىنى بومباردىمان قىلغان. نەتىجىدە 2 نەپەر ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ئەسەد كۈچلىرى 6- ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ تاجاۋۇزچى رۇسىيەنىڭ ياردىمىدە جەبەلزاۋىيە رايونىنى بومباردىمان قىلىش ھەرىكىتىنى باشلىغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز-ئىچىگە ئالغان 40 قا يېقىن كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، يەنە بەزى كىشىلەر يارىلانغان.

6-ئاينىڭ 23-كۈنى ھۇمۇس ۋىلايىتى سۇخنا قۇملۇقىدىكى نېفىت تۇربىسى نامەلۇم كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

ئىران

6- ئاينىڭ 19- كۈنى 60 ياشلىق ئىبراھىم رەئىسى ئىراننىڭ يېڭى پىرىزدېنتى بولۇپ سايلاندى.

ئىبراھىم رەئىسى ئىراننىڭ ئالى رەھبىرى ئەلى ھۇمەينىگە يېقىن بولۇپ، 1998- يىلى ئىران ھاكىمىيىتىگە قارشى چىققانلارغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن كومسىيەگە ئەزا بولغان.

2017- يىلدىكى پىرىزدېنتلىق سايلىمىدا 15مىلىيون بىلەت بىلەن روھانىيغا ئۇتتۇرۇپ قويغان. 2019- يىلدىن تارتىپ ئامېرىكا تەرىپىدىن كىشىلىك ھوقۇققا تاجاۋۇزچىلىق قىلدى دەپ ئەيىبلىنىپ ئىمبارگو ئاستىدا تۇرغان بولۇپ، ئىران ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى رەھمانى فەزىلنىڭ ئىلان قىلىشىچە، بۇ قېتىملىق سايلامدىكى 29 مىلىيون بىلەتنىڭ 18 مىلىيونغا ئېرىشىپ پىرىزدېنتلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلغان.

ئافغانىستان

ھېيىتتىن كىيىن ئافغانىستاندا باشلانغان فەتىھلەر يەنە داۋام قىلماقتا.

ئىسلام ئىمارىتىگە تەۋە خەۋەر مەنبەلىرىگە ئاساسلانغاندا، ھېيىتتىن كىيىن بۈگۈنگە قەدەر جەمئىي 71 باشقارما مۇجاھىدلارنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەن. قەندەھارنىڭ مەيۋاند رايونى، پاكتىيا ۋىلايىتىنىڭ زەزى ئاريۇب رايونى، تاجىكىستان بىلەن بولغان شىرخان چېگراسى، جوۋزجان ۋە فەرياب ۋىلايىتىدىكى بىر قانچە باشقارمىلار، ھەمدە دوستۇم ئەسكەرلىرى جايلاشقان تاھاردىكى بىر قانچە رايون فەتىھ بولغان. ئۇنىڭدىن سىرت قۇندۇز ۋىلايىتى پۈتۈنلەي فەتىھ بولغان.

ئىمارەت مۇجاھىدلىرى يەنە، ئىسلام ئىمارىتىنىڭ سابىق ئەمىرى موللا مۇھەممەد ئۆمەر رەھىمەھۇللاھ ۋاپات بولغان سىيۇر رايونىنىمۇ قولغا ئالغان. ئۇندىن باشقا بۇ جەڭ جەرىيانلىرىدا ھۆكۈمەت ئارمىيە سېپىدىكى كۆپلىگەن ئەسكەرلەر مۇجاھىدلارغا تەسلىم بولغان.

تاھار ۋىلايىتى داراكاد رايونىدا، مۇرتەد ئارمىيە سېپىدىكى ئالاھىدە قىسىم ئەسكەرلىرىنى ئۆز-ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن ئەسكەرلەر مۇجاھىدلارغا تەسلىم بولدى. ئۇلار يەنە ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تەمىنلىگەن بارلىق برونىك ماشىنا ۋە قوراللارنىمۇ مۇجاھىدلارغا تاپشۇرۇپ بەردى.

23- چېسلا، ئىمارەت مۇجاھىدلىرى باغلان ۋىلايىتىنىڭ تالا-بارفاق رايونىنى پۈتۈنلەي ئىگىلىدى. تالا-بارفاقتىكى ھۆكۈمەت ئارمىيە ئەسكەرلىرى مۇجاھىدلارغا قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، رايوندىكى خەلقىنىڭ يېقىندىن ھەمكارلىشىشى ئاستىدا بۇ جاي مۇجاھىدلارنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەن. يەنە شۇكۈنى  مۇجاھىدلار باغلان ۋىلايىتىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ئاساسلىق بازىنى قولغا چۈشۈرگەن بولۇپ. تانكا ، قورال ۋە باشقا ھەربىي ئەسلىھەلەر غەنىيمەت ئېلىندى.

ئامېرىكا

ئامېرىكا ھۆكىمىتى ئىران ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بىر قىسىم توربېكەتلەرنى قامال قىلدى

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تور بېكەتلەر ئىران دۆلەت قارمىقىدىكى بىر قانچە تور بېكەت شۇنداقلا، ئاخبارات ۋە تېلېۋىزىيەگە تەۋە 33 تور بېكەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولىشچە بۇ تور بېكەتلەر ئىرانغا پايدىلىق بولغان تەشۋىقاتلارنى تارقىتىدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھىزبۇللا قوراللىقلىرىغا تەۋە 3 تور بەتمۇ بار ئىكەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مەركىزىي ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى ئافغانىستاندىن چېكىنىش خىزمىتىنىڭ يېرىمىنى تاماملىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ، 11 – سېنتەبىر ھۇجۇملىرى خاتىرە كۈنىگە قەدەر ئافغانىستاندىن پۈتۈنلەي چىكىنىش قارارىدىن كېيىن، ئاپرېل ئېيىنىڭ ئاخىرقى ھەپتىسى باشلانغان چېكىنىش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مەركىزىي ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ قارارىدىن بۇيان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 763 دانە C-17 يۈك ماتېرىياللىرىنى ئافغانىستاندىن ئېلىپ چىقىپ كەتتى، 14 مىڭ 790 دانە ئۈسكۈنە، يوق قىلىنىشى ئۈچۈن، ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئەسى ئەشيا ئوبوروتى ئورگىنىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.»

ئافغانىستاندىن ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەن ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسىنىڭ ھەربىي خادىملار ئىشلەتكەندىن كېيىنكى تاشلاندۇق ماتېرىياللار ئىكەنلىكى، مۇداپىئە ۋاسىتىلىرى ياكى چوڭ تىپتىكى ئۈسكۈنىلەر ئەمەسلىكى قەيت قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى 6 ھەربىي مۇئەسسەسەسىنى ئافغانىستان مىللىي ئارمىيەسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «مەركىزىي ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىش خىزمىتىنىڭ % 50 تىن ئارتۇق قىسمىنىڭ تاماملانغانلىقىنى تەخمىن قىلماقتا.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مەركىزىي ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى، ئافغانىستاندىن چېكىندۈرۈلگەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانى ھەققىدە تېخىچە رەسمىي مەلۇمات بەرمەيۋاتىدۇ.

تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى شام شۆبىسى ئىسلام ئاۋازى تەشۋىقات مەركىزى

چۈشۈرۈش 720p

چۈشۈرۈش 480p

مۇناسىۋەتلىك تېما

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Check Also
Close
Back to top button
قايت
WhatsApp
Telegram