ھەپتىلىك خەۋەر

ئىسلام ئاۋازى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى 144 – سان

ئىسلام ئاۋازى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى 144 – سان

2021-07-09

سۈرىيە

3-چىسلا ئىشغالىيەتچى روسىيە ئايروپىلانلىرى ئىدلىبنىڭ غەربىدىكى سەھىللرۇج يېزىسىغا جايلاشقان خەلق مۇداپىئە مەركىزىگە تۆت قېتىملىق ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى. بومباردىمان نەتىجىسەدە، 5 خەلق مۇداپىئە پىدائىيسى يېنىك يارىلانغان. مەيدانغا كەلگەن كەڭ كۆلەملىك بۇزغۇنچىلىق سەۋەبىدىن مەركىزى بىنا خىزمەتتىن توختىغان.

بۇنىڭغا ئۇخشىغان ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ئالدىنقى ئايدا بىر يۈز بەرگەن بولۇپ تاجاۋۇزچى روسىيە ئارمىيىسى «قەستۈن» بازىرىدىكى بىر خەلىق مۇداپىئە مەركىزىنى بومباردىمان قىلغان.

ئافغانىستان

7-ئاينىڭ 3- كۈنى  ئىمارەت مۇجاھىلىرى 24 سائەت ئىچىدە ئافغانىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدا 11 رايون، شەرقتە ۋە جەنۇبتا 13 رايون كونتروللۇقىقا ئالغان.

7-ئاينىڭ 4- كۈنىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بەدەخشان ۋىلايىتىدىكى 14 رايون 48 سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئىمارەت مۇجاھىلىرىنىڭ كونتروللىقىغا كۆتكەن بولۇپ، نەچچە يۈز ئەسكەر ھېچقانداق قارشىلىق كۆرسەتمەي تەسلىم بولغان. 7-چىسلاغا كەلگەندە بەداخشاننىڭ مەركىزى فەيزابادتىن باشقا پۈتۈن رايۇننىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىمارەت مۇجاھىلىرىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەن بولۇپ، بۇنىىڭ ئىچىدە ئافغانىستاننى شەرقىي تۈركىستان بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان ئىستىراتىگىلىك رايون «ۋاخان كارىدورى» مۇ بار ئىكەن.

يەرلىك مەنبەلەرنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋاخان رايونىدىكى ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن مۇجاھىدلار ئوتتۇرىسىدا يارىشىش ھاسىل قىلىنغان بولۇپ ، بۇ رايون توقۇنۇشسىز ئىمارەت مۇجاھىدلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.

7-ئاينىڭ 6-كۈنى تارقالغان بىر سىن كۆرۈنۈشتە خۇست ۋىلايىتىدە كابول ھۆكۈمەت كۈچلىرى تالىباننىڭ ھۇجۇمىدىن قۇغدىنىش ئۈچۈن خەلىقلەرنى ماشىنا ئەترىتىنىڭ ئالدىدا قالقان قىلىپ ماڭدۇرغان.

پاكىستان

29- چىسلا پاكىستان سوت مەھكىمىسى خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە دىتالى TikTok نىڭ 8-ئىيۇلغىچە توختىتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. قاراردا TikTok دىتالىنىڭ ھۆكۈمەت قانۇنى، ئىسلام ۋە پاكىستان مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسىي بۇيرۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلمايدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.

پاكىستاندىكى يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سوت مەھكىمىسى TikTok دىتالىنىڭ «ئەخلاقسىزلىق ۋە شەھۋانىي»مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى تارقاتقان ھېساباتلارنىڭ تاقىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغانلىقى كۆرسىتىلدى.

ھىندىستان

7-ئاينىڭ 3- كۈنى  ھىندىستان كونترولىدىكى كۆپىنچە مۇسۇلمانلار ياشايدىغان جاممۇ كەشمىردە ئىككى سىخ ئايال ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ، مۇسۇلمان ئەرلەر بىلەن توي قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ رايوندا مۇسۇلمانلار بىلەن سىخلار ئوتتۇرسىدا جىددىيلىكى يۈز بەردى.

بۇ قىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مۇسۇلمان يىگىت شەھىد نازىر باتنىڭ قىزىنى ئىسلام دىنىغا زورلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئەرىز قىلغاندىن كېيىن، ساقچىلار بۇ يىگىتنى قولغا ئالغان.

ئامېرىكا

2021 7- ئاينىڭ  07- كۈنى ئانادولۇ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ تارقاتقان خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئۆزلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىش مۇساپىسىنىڭ% 90 تىن كۆپرەك تاماملىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا يېقىندا ئافغانىستاندىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي بازا بولغان باگرام ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى تارقاقلاشتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،  ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن ئايرىلغانلىقىنى ھەمدە  1000 غا يېقىن ئەسكىرى ماشىنىلارنى كابۇل ھۆكۈمەت ئارمىيىسىگە ئىئانە قىلغانلىقى خەۋەر قىلىدى.

ئىتالىيە

7-ئاينىڭ 4- كۈنىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا،  ئىتالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لورېنزو گېرىنىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ئىتالىيە ئارمىيىسى 3-چىسلا كەچتە ھېرات ئايرودرومى ۋە لاگېرنى ئافغانىستان ئارمىيىسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن.

 يەرلىك تاراتقۇلار يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ھېرات ئايرودرومىدىكى چەتئەل بازىسىدىن قاتتىق پارتلاش ئاۋازىنىڭ ئاڭلانغانلىقىنى خەۋەر قىلغان، ئافغانىستان ھەربىي ئەمەلدارلىرى تاراتقۇلارغا ئىتالىيەلىكلەرنىڭ ھېراتتىكى بازىسىدىن چېكىندۈرۈشتىن بۇرۇن نۇرغۇن قورال-ياراغ ۋە بىر قىسىم ئەسلىھەلەرنى ۋەيران قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

 ئىتالىيە ئارمىيىسى 2001-يىلى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئافغانىستانغا كىرگەن ، بۇ جەرياندا #ھېرات ئايرودرومىنى تولۇق كونترول قىلغان. ئىتالىيە بۇ مەزگىلدە ئافغانىستاندىكى ھەر خىل ۋەزىپىلەرگە 50 مىڭ ئەسكەر ئەۋەتكەن بولۇپ ، ئۇلارنىڭ 53 نەپىرى #ئۆلگەن ، 723 ئادەم #يارىلانغان.

تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى شام شۆبىسى ئىسلام ئاۋازى تەشۋىقات مەركىزى

چۈشۈرۈش 720p

چۈشۈرۈش 480p

مۇناسىۋەتلىك تېما

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Check Also
Close
Back to top button
قايت
WhatsApp
Telegram