ھەپتىلىك خەۋەر

ئىسلام ئاۋازى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى 163 – سان

ئىسلام ئاۋازى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى 163 – سان

2021-11-12

ئافغانىستان


ئافغانىستاندا قۇرۇلغان يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىر موللا ئابدۇلغەنى بۇردەر 16-چسىلا پرېزىدېنت سارىيدا ئىران پرېزىدېنتىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى ۋە ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
يىغىن جەريانىدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش، سودا، بىخەتەرلىك ۋە باشقا بىر قاتار ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئىلىپ باردى.

ئامېرىكا


13-چسىلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىللىنكېن قاتار بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان كېلىشىم ئىمزالىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بىللىنكېن قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇراخمان ئەلسانى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بۇ كېلىشىمنى ئېلان قىلدى.
نۆۋەتتە ئامرىكا تەرەپ تالىبان ھۆكىمىتىنى رەسمي يۇسۇندا ئىتىراپ قىلمىغاچقا كېلىشىم ئارقىلىق ۋاشىنگىتون ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبان ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسدىكى مۇناسىۋەتلەر قاتار ھۆكىمىتى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىم ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى قىسىملارنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىدۈرۈش، ئەلچىخانىلىرىنى تاقاش ۋە شۇنداقلا دىپلوماتلىرىنىمۇ ھەم چېكىندۈرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ، تالىبان ھۆكۈمىتى بىلەن قانداق ئالاقىلىشىش مەسىلىسىدە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن بىر پەيتتە بۇ خىل ئالاقە ئوتتۇرغا چىقتى.
قاتار ئۇزۇندىن بۇيان ئامېرىكا بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت ۋە ئامېرىكا پۇقرالىرىنى ئافغانىستاندىن تارقاقلاشتۇرۇش، شۇنداقلا ئامېرىكا بىلەن تالىبانلار ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى.
يۇقاردىكى كېلىشىمگە ئاساسەن، قاتار يەنە ئافغانىستاندىكى باش ئەلچىخانىسىدا ئامېرىكىنى كونسۇلخانا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، قاتار ئافغانىستاندىكى بىر قىسىم ئەلچىخانا خىزمەتچىلىرىنى ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتى ۋەكىللىك قىلىدىغان ئورۇنغا تەقسىملەيدۇ ھەمدە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ۋە قاتارنىڭ پايتەختى دوھادىكى ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىك ئۆمىكى بىلەن ماسلاشتۇرىدۇ.

16-چسىلا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن ۋە شى جىنپىڭ توردا كۆرۈشتى. ئىككى رەھبەر ھەمكارلىقنى تەكىتلىگەن يىغىن 3.5 سائەت داۋاملاشتى.
بايدېن يانۋاردا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان شى بىلەن ئىككى قېتىم تېلېفوندا سۆزلەشكەن بولۇپ، ئىككى رەھبەر سىن يىغىنى ئارقىلىق تۇنجى قېتىم يۈزتۇرانە كۆرۈشتى.
يىغىن جەريانىدا شى جىنپىڭ ئامېرىكىلىق مەنسەپدىشى جو بايدىنغا تەيۋەننى مۇستەقىل بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇشنىڭ «ئوت بىلەن ئويناش» بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇنداق ھەرىكەتلەر ئوت بىلەن ئوينىغانغا ئوخشاش ئىنتايىن خەتەرلىك ، كىم ئوينسا ، شۇ كۆيىدۇ». دېدى.

ياپونىيە


ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا جەنۇبىي دېڭىزدا «تۇنجى قېتىم سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ قاتنىشىشى» بىلەن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى. بۇ خەۋەرنى ياپونىيە دېڭىز-ئوكيان مۇداپىئە ئارمىيىسى ئېلان قىلغان بولۇپ، تۇنجى قېتىم ياپونىيە دېڭىز-ئوكيان مۇداپىئە ئارمىيىسىغا تەۋە سۇ ئاستى پاراخوتىنى مانېۋىرغا ئەۋەتىكەن ھەمدە مانېۋىرغا ياپونىيەنىڭ ئىككى قوغلىغۇچى پاراخوت ۋە چارلاش ئايروپىلانى، ئامېرىكىنىڭ بولسا سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى قوغلىغۇچى ئايروپىلانىنى قاتناشتۇرغان.
ئاممىۋى رادىئو شىركىتى NHK خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى ھەربىي كۈچىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بىرلەشمە مانېۋىرنىڭ ئامېرىكا -ياپونىيە ئىتتىپاقى دائىرىسىدىكى «ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكيان تەسەۋۋۇرى» نى نىشان قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

خىتاي


16-چسىلا خىتايدىكى ياۋايى ھايۋانلار بازىرىدا سېتىلىدىغان ھايۋانات تۈرلىرى خىتاي ۋىرۇسنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك (Kovid-19). يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان كەڭ كۆلەملىك تەتقىقاتىدا، بەزى ھايۋانلاردا ئىنسانلار ۋە باشقا ھايۋانلارغا تەھدىت سالىدىغان بىر قاتار كېسەللىكلەر ساقلانغانلىقى يەكۈنلەنگەن.
خىتايدا كەڭ كۆلەمدە سېتىلىدىغان ۋە ئىستېمال قىلىنىدىغان ئون نەچچە خىل ھايۋان تۈرى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتتا، سۈت ئەمگۈچىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك 71 ۋىرۇس بايقالدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىنسانلار ۋە ئەرمەك ھايۋانلار ئۈچۈن يوشۇرۇن خەۋىپى بار 18 تۈر بار ئىكەن.
تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، بەزى ھايۋانلار ئىلگىرى پەقەت ئىنسانلاردىلا ئۇچرايدۇ دەپ قارالغان ۋىرۇسلار بىلەن يۇقۇملانغان.
ئالىملار خىتاي ۋىرۇسنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن يەنىلا تىرىشىۋاتىدۇ. ھازىرغىچە خىتاي ۋىرۇسنىڭ پەيدا بولۇشى توغرىسىدا ئىككى خىل قاراش ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ۋىرۇس تەجرىبىخانىدا ياسالغان ياكى ھايۋانلاردىن تارقىتىلغان. بىلگىنىمىزدە ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش ئۇرنى بولغان ۋۇخەندىكى تىرىك ھايۋانلار بازىرىدا ھەرخىل ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ھايۋانلار ھازىرغىچە سېتىلىدىكەن.

ھىندىستان


14-چسىلا ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمالىغا ۋە بېرما چېگراسىغا جايلاشقان مانىپۇر ئۆلكىسىدىكى ھىندىستان ئەسكەرلىرىگە قارىتا ئوت ئېتىش نەتىجىسىدە بىر پولكوۋنىكنى ئۆز ئىچگە ئالغان 5 ئەسكەر ۋە 2 پۇقرانىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئېلان قىلىندى.
ھىندىستان ئارمىيەسىنى نىشان قىلغان پارتىزانلىق ھۇجۇمىنى «خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى» نامىدىكى مانىپۇرنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلدىغان كىشىلەرنىڭ قىلغانلىقى بىلىنمەكتە.

مالى


فرانسىيەنىڭ مالىدىكى «بارخان» ھەرىكىتىنىڭ قوماندانلىق شتابى 11-ئايدا فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئىككىنچى ئارمىيە بازىسىنى مالى قوراللىق قىسىملىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
فرانسىيەنىڭ قوماندانلىق شتابىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، يىل ئاخىرىغىچە ، فرانسىيە قىسىملىرى تىمبۇكتۇدىكى ئۈچىنچى ئورۇننى مالىلىقلارغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى پىلانلىغان.

ھىندىستان، ئافغانىستان، ياپۇنىيە، خىتاي، ئامېرىكا، مالى،

تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى شام شۆبىسى ئىسلام ئاۋازى تەشۋىقات مەركىزى

چۈشۈرۈش 720p

چۈشۈرۈش 480p

مۇناسىۋەتلىك تېما

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button
قايت
WhatsApp
Telegram