ھەپتىلىك خەۋەر

ئىسلام ئاۋازى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى 169 – سان

ئىسلام ئاۋازى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى 169 – سان

2021-12-23

شەرقىي تۈركىستان

24- چىسلا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن خىتاينىڭ مەجبۇرى ئەمگەك سىياسىتى سەۋەبىدىن شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلەيدىغان يىڭى قانۇن ماددىسغا ئىمزا قويدى.

ئامېرىكا شەرقىي تۈركىستاندىكى زاۋۇتلاردا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقى تۈپەيلى بۇ زاۋۇتلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جازا قارارىنى تەييارلىغانلىقىنى بايان قىلدى. بۇ قارار ئامېرىكا پارلامېنتى ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتتى.

بۇ قارارغا ئاساسەن شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتنىڭ ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنىشى ئۈچۈن، ئىشلەپچىقارغۇچى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىشلەنگەنلىكىنى ئىسپاتلىشى كېرەك. ئىلگىرى زور مىقداردىكى پاختا توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى شەرقىي تۈركىستاندىن ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىناتتى.

بۇ قارارنامە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خىتاي تەرەپ، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان جازا قارارىغا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

ئامېرىكا

23- چىسلا رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاقسارايدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار «روسىيەنىڭ سانائەت ۋە ئىستېمال تېخنىكىسىنىڭ كەڭ دائىرىدە تارقىلىشىنى توسىدىغان جىددىي ئېكسپورتنى كونترول قىلىش تەدبىرلىرى» مۇزاكىرە قىلغان.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى:  بۇ تەدبىرلەر روسىيەنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفون، ئايروپىلان ۋە ماشىنا زاپچاسلىرى ۋە باشقا نۇرغۇن كەسىپلەردىن ماتېرىيال ئىمپورت قىلىش ئىقتىدارىنى چەك قويىدۇ.

دوكلاتقا: ھازىرقى ھۆكۈمەت خىتاي تېلېگراف شىركىتى خۇاۋېينىڭ مەلۇم مىقداردا يېرىم ئۆتكۈزگۈچكە كىرىشىنى توسۇشتا سابىق پرېزىدېنت دونالد ترامپ دەۋرىدە ئىشلىتىلگەن قوراللاردىن پايدىلانغانلىقىنى قوشۇپ قۇيدى.

ياپونىيە

ئىگىلىنىشچە، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە تەيۋەندە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان جىددىي ئەھۋالغا قارشى بىرلەشمە ھەربىي ھەرىكەت پىلانى تەييارلىغان.

ياپونىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ كيودو 24-چسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ تەيۋەندە خەتەر ئېلىپ كېلىدىغان ھەر قانداق ھەرىكىتىگە قارشى بىرلەشمە ھەربىي ھەرىكەت پىلانى تۈزگەن.

ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان ياپونىيە ئەمەلدارلىرى بۇ لايىھە ھەققىدە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ كيۇش ئارىلى بىلەن تەيۋەن ئارىلىقىغا جايلاشقان ريۇكيۇ ئارىلىدا ۋاقىتلىق ھەربىي بازا قۇرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويغان. لايىھەگە ئاساسەن، ياپون ئارمىيىسى بۇ ھەربىي بازىلارغا ئوق-دورا ۋە يېقىلغۇ قاتارلىق ئارقا سەپ تەمىناتى بىلەن يەتكۈزىدىكەن.

ئافغانىستان

26-چىسلا تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە ۋە قاتار بىلەن كابۇل خەلقئارا ئايرودرومى ۋە بۇ دۆلەتتىكى باشقا 4 ئايرودرومنىڭ مەشغۇلاتى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنىڭ ھەقىقەتى ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلدى.

25-چسىلا ئانادولۇ ئاگېنتلىقى تەمىنلىگەن خەۋەرلەردە، تۈركىيە بىلەن قاتارنىڭ ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن ئايرودروم مەشغۇلاتى توغرىسىدا دەسلەپكى كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقى بايان قىلىنغان.

ئافغانىستان قاتناش ۋە خەلق ئاۋىئاتسىيە مىنىستىرلىكى يېقىندا تۈركىيە ۋە قاتاردىن كەلگەن تېخنىكىلىق گۇرۇپپىلارنىڭ كابۇلغا كەلگەنلىكىنى، بۇ يەردە يىغىن ئېچىلغانلىقىنى، ئەمما ھېچقانداق كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىغانلىقىنى بايان قىلدى.

سۈرىيە

ئىگىلىنىشچە، 28-چسىلا تاڭ يورىشى بىلەن  سۈرىيەنىڭ مۇھىم تەمىنلەش ئەسلىھەلىرىنىڭ بىرى بولغان لازىقىيا پورتى ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچۇراپ ئېغىر تالاپ يۈز بەرگەن.  ئىسرائىلىيە تەرەپ بولسا، ئىراندىن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ئەۋەتىلگەن ئوق-دورىلارنىڭ نىشان قىلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا قويغان.

لازىقىيا پورتى 2011-يىلى باشلانغان ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ئىران ۋە روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ سۈرىيەگە يېقىلغۇ، قورال ۋە ئوق-دورا تەمىنلەش مەركىزى بولۇپ كەلگەن.

ھىندىستان، ئافغانىستان، ياپۇنىيە، خىتاي، ئامېرىكا، مالى،

تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى شام شۆبىسى ئىسلام ئاۋازى تەشۋىقات مەركىزى

چۈشۈرۈش 720p

چۈشۈرۈش 480p

مۇناسىۋەتلىك تېما

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button
قايت
WhatsApp
Telegram