ھەپتىلىك خەۋەر

ئىسلام ئاۋازى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى 170 – سان

ئىسلام ئاۋازى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى 170 – سان

2022-01-08

ئافغانىستان

3-چسلا قەندەھار ۋىلايىتى مەيۋاند رايونىدا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ، پۇقرالارنىڭ ئاپتوموبىللىرى يول ئۈستىدە قاپسىلىپ قالغان بولۇپ، ئىسلام ئىمارىتى جىددىي تۈردە ھاۋا ئارمىيىسىنى پۇقرالارنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئاتلاندۇرۇپ، كەلكۈندە قاپسىلىپ قالغان كىشىلەرنى قۇتۇلدۇردى.

ئافغانىستان بىلەن پاكىستان چېگرا سۈركىلىشى كۈندىن كۈنگە كۈچىتىۋاتقان بىر پەيىتتە ئافغانىستان ئىسلام ئىمارىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى موللا مۇھەممەد ياقۇب مۇجاھىد، 3-چسىلا قەندەھاردىكى ئەسكەرلەرگە سۆز قىلىپ: ئەگەر پاكىستان ئەسكەرلىرى تۇپرىقىمىزغا بىر قەدەم ئىچكىرلەپ كىرسە، مېنىڭ بۇيرۇقۇمنى ساقلاپ تۇرماڭلار. تاكى ئۇلارنى تارمار قىلىپ بولغاندىن بولغىچە ماڭا خەۋەر قىلماڭلار!  ئۇنىڭدىن كېيىن كابۇلغا خەۋەر قىلىڭلار. دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

ئىسلام ئىمارىتى ئىستىخبارات ئىدارىسى 3- چىسلا كابۇلدا ھاراق سېتىش ئورنى بىتچىت قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

باياناتتا ئۈچ توننا ھاراقنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى ۋە ئۈچ ھاراق ساتقۇچىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى بايان قىلىندى، ئۇندىن باشقا باياناتتا: ھاراق ئىچىشنىڭ ھاراملىقى، مۇسۇلمانلار ھاراق ئىچىشتىن ساقلىنىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

پاكىستان

5-چسلا بالۇچ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ 2021-يىلى بالۇچىستاندىكى پۇقرالارغا قارىتا قانۇنسىز ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە تۇتۇش قىلمىشلىرىنىڭ داۋاملاشتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

پاكىستان كونتروللۇقىدىكى بالۇچىستان رايونىدا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كەلگەن «بالۇچىستان كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى» 2021-يىلى پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بالۇچىستاندا 392 پۇقرانى قولغا ئىلىپ ، 366 ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى دەلىللىگەن .

پاكىستاننىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ راشىد ئەھمەدنىڭ 5-چسلادىكى باياناتىغا قارىغاندا، پاكىستان خىتايدىن  25دانە  J-10C تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىۋالغان.

چېڭدۇ ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئىشلەپچىقارغان كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ، ھىندىستاننىڭ فرانسىيەدىن سېتىۋالغان رافالې كۈرەشچى ئايروپىلانىغا قارشى سېتىۋېلىنغانلىقى تەكىتلەندى. كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ پاكىستانغا يەتكۈزۈش بۇ يىل  3-ئايدا باشلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

ھىندىستان

ھىندىستاندىكى ژۇرنالىستلار، پائالىيەتچىلەر ۋە سىياسىئونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 100 دىن ئارتۇق مۇسۇلمان ئايالنىڭ سۈرىتى 3-چسلا «بۇللى باي» سۈپىسىدا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

بۇلتۇرقى «سۇللى سوپىسىدا» دىن كېيىن، 80 مۇسۇلمان ئايالنى «كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش» ئۈچۈن بۇ سۇپىغا قېتىلغان بولۇپ، «بۇللى باي» بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم مۇسۇلمان ئاياللارنى كىم ئارتۇق قىلىپ ساتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.  «بۇللى» ۋە «سۇللى» ھەر ئىككىسى ھىندىستاننىڭ يەرلىك تىلدا مۇسۇلمان ئاياللارغا ئىشلىتىلىدىغان قەبىھ كەمسىتىش خاراكتېرلىك سۆز ئىكەن.

ھىندىستاننىڭ 220 مىليوندىن ئاشىدىغان نوپۇسقا ئىگە ۋە 60 مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان ياشايدىغان ئۇتتار پرادېشتىكى مەھەلىدە 1-چسىلا سۆزلىگەن نوتۇقتا ھىندۇتۋا رەھبىرىنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق چاقىرىقى ئىنكاس قوزغىدى. ھىندۇتۋا باياناتچىسى:

“- خەتەر كوممۇنىزم ئىدىئولوگىيىسى ، مەسچىتلەر ، مەدرىسلەر ، چېركاۋلاردىن كېلىدۇ. بۇ خەتەر يېڭى يىلنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيدىغانلاردىن كېلىدۇ.

– ئىسلام دىنى تېز تەسىر قىلىدىغان زەھەردۇر. ئىسلام چوقۇم يەر يۈزىدىن يوقىتىلىشى كېرەك. چۈنكى ئۇلار قېرىنداشلىرىمىزنى دىنىغا قىزىقتۇرىدۇ. بىز بۇ ئىشنىڭ دۆلىتىمىزدە يۈز بېرىشىگە يول قويمايمىز. ئۇلار دەۋەتلىرىنى ھېچكىمگە قىلالمايدۇ » دىگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

قازاقىستان

1-ئاينىڭ 2-كۈنى، قازاقسىتان خەلقى ماڭغىستاۋ رايونىنىڭ جاڭا ئۆزەن ۋە ئاقتاۋ شەھەرلىرىدىكى كوچىلارغا چىقىپ، يېقلغۇ باھاسىنىڭ يۇقىرى بولىشىغا قارشى نامايىش قىلدى. ئىككى كۈندىن كېيىن، نامايىش ئالمۇتاغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ساقچىلار نامايشچىلارنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇردى.

ساقىچلارنىڭ قاتتىق قوللىقىدىن كېيىن نامايىش ئاتراۋ ، ئاقتوبە ، تاراز ، شىمكەنت ، قىزىلوردا ، قاراغاندا ھەتتا قازاقىستاننىڭ پايتەختى نۇر-سۇلتان قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ ئېلىپ بېرىلدى. قازاقىستان پرېزىدېنتتى 5-چسلا ئەتىگەندە دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ئالمۇتا ۋە غەربىي جەنۇب ماڭغىستاۋ ئوبلاستىدا ئىككى ھەپتە جىددىي ھالەت ۋە چەكلەش بۇيرۇقى چىقاردى. ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ ئىتىسپا بەرگەنلىكىنى يىڭى ھۆكۈمەتنىڭ قايتا تەشكىللىندىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن .

تەيۋەن

خىتاي ئىككى يىلدىن بۇيان تەيۋەنگە قاراتقان ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى توغرىسىدىكى تەتۈر تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ ھەربىي ۋە دىپلوماتىك بېسىمنى ئاشۇرۋاتقان بىر پەيىتتە، تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي ئىڭۋىنېن يېڭى يىل مۇناسىۋتى بىلەن خىتايغا قارىتا ھەربىي توقۇنۇشنىڭ ھەل قىلىش چارىسى ئەمەسلىكىنى بايان قىلىپ: «بىز بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە ۋەزىيەتكە خاتا ھۆكۈم قىلماسلىقنى ئەسكەرتىمىز شۇنداقلا ھەربىي ھەركەت بىلەن خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك». دېگنلەرنى بىلدۈردى.

ھىندىستان، ئافغانىستان، ياپۇنىيە، خىتاي، ئامېرىكا، مالى،

تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى شام شۆبىسى ئىسلام ئاۋازى تەشۋىقات مەركىزى

چۈشۈرۈش 720p

چۈشۈرۈش 480p

مۇناسىۋەتلىك تېما

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button
قايت
WhatsApp
Telegram