ھەپتىلىك خەۋەر

ئىسلام ئاۋازى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى 171 – سان

ئىسلام ئاۋازى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى 171 – سان

2022-01-08

خىتاي

خىتاي تيەنجىندە تۇنجى قېتىم كۆرۈلگەن خىتاي ۋىروسى Omicron ۋاريانتىنىڭ خېنەن ئۆلكىسىدە شىددەت بىلەن تارقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى چىقىۋاتقان بولسىمۇ، شىئەن، تىيەنجىن، ئەنياڭ قاتارلىق جايلاردا يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىرلىشىشقا قاراپ ماڭغان.

يەرلىك ھۆكۈمەت بۇ يۇقۇملانغۇچى بىلەن قويۇق ئالاقىدە بولغان 1495 ئادەمنى ئېنىقلاپ، نازارەت ئاستىغا ئالغان. شەھەرگە كىرىش-چىقىش چەكلىنىپ ، كوللىكتىپ تەكشۈرۈشنى يولغا قويغان.

ئىران

8-چسىلا «ۋال كوچىسى گېزىتى»: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ مەخپىي دوكلاتىدا ئىراننىڭ، روسىيە، خىتاي ۋە ئىراندا ياسالغان قوراللارنى يەمەنگە ئەتكەس قىلىشقا ئۇرۇنۇشتا ئىشلىتىلىدىغان كىچىك ياغاچ كېمىلەر ۋە قۇرۇقلۇق تىرانسپورتىنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

ئامېرىكا گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراننىڭ جاسك پورتى، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى يېقىنقى ئايلاردا ئەرەب دېڭىزىدا قولغا چۈشۈرگەن مىڭلىغان راكېتامىيوت، ئاپتومات، مەرگەن مىلتىق ۋە باشقا قوراللارنىڭ مەنبەسى ئىكەن.

پاكىستان

7-چسلا پاكىستان تۈركىيەدىن 1.5 مىليارد دوللارلىق ATAK تىك ئۇچار ئايروپىلانىنى سېتىۋېلىش توختامنى بىكار قىلىدى. بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبى بولسا  ئەنقەرە ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ATAK تىك ئۇچار ئېكسپورت قىلماقچى بولسا،  چوقۇم ئامېرىكىنىڭ رۇخسەت قىلىشى كېرەك ئىكەن.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئامېرىكا ATAK تىك ئۇچارنى پاكىستانغا سېتىشقا قوشۇلمىغان.

پاكىستان ھەربىي باياناتچىسىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، پاكىستان تۈركىيەدىن سېتىۋالدىغان تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ ئورنىغا خىتايدىن تىك ئۇچار سېتىۋېلىشنى قارار قىلغان.

ئافغانىستان

«ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكى» ھۆكۈمىتى ئىراندا ئەھمەد مەسئۇد ۋە ئىسمائىل خان بىلەن كۆرۈشتى.

ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەمىرخان مۇتتەقى ئىراننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 10-چسلا پايتەخت تېھراننى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئىران ئەمەلدارلىرى، شۇنداقلا ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆكتىچىلىرى ئەھمەد مەسئۇد ۋە ئىسمائىل خان بىلەن كۆرۈشتى.

ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكىنىڭ باياناتچىسى زەبىھۇللاھ مۇجاھىد ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يىغىن ھەققىدە باياناتىدا: «ئىسمائىل خان ۋە ئەھمەد مەسئۇد تېھراندا ئىسلام ئەمىرلىكىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى. يىغىن جەريانىدا، ئىسلام ئەمىرلىكى ئۇلارغا ھېچقانداق ئەندىشە قىلماستىن ئۆيلىرىگە قايتىپ كېلەلەيدىغانلىقىغا كاپالەت بەردى ». دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا

ئىقتىساد ۋە مۇداپىئە ساھەسىدە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغان ئىسرائىلىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ قارشى تۇرۇشى سەۋەبىدىن مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى بايان قىلىندى.

ئىسرائىلىيە خارېتز گېزىتىنىڭ 9-چسىلادىقى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە ئاساسەن، ئىسرائىلىيە خىتاي بىلەن مۇداپىئە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىكە ، ھەمدە خىتاي بىلەن ئېلىپ بارىدىغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتتىكى بارلىق تۈرلىرىنى ئامېرىكىنىڭ تەستىقلاشقا يوللايدىكەن.

خارېتزگېزىتنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، بۇ كېلىشىمگە قۇيۇلغان ئىمزانىڭ ئامېرىكا ھەر يىلى ئىسرائىلىيەگە بېرىدىغان مىليارد دوللارلىق ياردەم بەدىلىگە قويغان دەپ قارالغان.

بېنگال

بېنگالدىكى روھىنگا مۇساپىرلىرىنىڭ لاگېرلىرىدىكى ئوت ئاپىتى نەتىجىسىدە مىڭلىغان كىشىنىڭ ئۆي-ماكانسىز قالغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

بېنگال ساقچىلىرىنىڭ 10-چسىلادىكى باياناتىغا قارىغاندا ، تەخمىنەن 800،000 روھىنگا ئاھالىسى ئولتۇراقلاشقان كوكىس بازىرىدىكى لاگېرلارنىڭ بىرىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە نۇرغۇن چېدىر ۋە كەپە ئۆيلەر بۇزۇلغان، 5 مىڭدىن ئارتۇق روھىنگىيانىڭ ئۆي-ماكانسىز قالغانلىقى بايان قىلىنغان.

ئاللاھ شۇ مەزلۇم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرسۇن ئامىن.

قازاقىستان

11-چسىلا قازاقىستاندىكى يېقىلغۇنىڭ ئۆرلىشى بىلەن يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە باشقا دۆلەت پۇقرالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 9 مىڭ 900 نەپەر كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى 164 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى  قازاقىستان ھۆكۈمەت دائىرلىرى تەرپىدىن ئېلان قىلىندى.

يەنە شۇكى قازاقىستان سابىق پىرىزدېنتتى قاسىم جۆمەرت توكايۇف قازاقىستان مەجلىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا تاشلانغان بېلەت بىلەن ئەلىخان سمايىلوفنىڭ قازاقىستاننىڭ 12-نۆۋەتلىك باش مىنىستىرى قىلىپ سايلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ھىندىستان، ئافغانىستان، ياپۇنىيە، خىتاي، ئامېرىكا، مالى،

تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى شام شۆبىسى ئىسلام ئاۋازى تەشۋىقات مەركىزى

چۈشۈرۈش 720p

چۈشۈرۈش 480p

مۇناسىۋەتلىك تېما

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button
قايت
WhatsApp
Telegram